مۇغلادا چەت ئەللىك 79 قاچقۇن تۇتۇلدى

مۇغلانىڭ داتچا ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان چەت ئەللىك 79 قاچقۇن تۇتۇلدى.

160707
مۇغلادا چەت ئەللىك 79 قاچقۇن تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇغلانىڭ داتچا ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان چەتئەللىك 79 قاچقۇن تۇتۇلدى.
مارمارىس ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتقا ئاساسەن پالامۇتبۈكۈ كويۇ رايونىدا بىر كېمىنى تەكشۈردى.
تەكشۈرۈش جەريانىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان سۈرىيەلىك، ئىراقلىق ۋە بىېرمىلىق بولۇپ، جەمئىي 79 قاچقۇن قولغا چۈشتى.
ئىگىلىنىشىچە، قاچقۇنلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن كېيىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر