ئى ش ئى د غا قارشى 23 يېڭى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ ئەنبار ۋە فەللۇجەدىكى ئى ش ئى د نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

159449
 ئى ش ئى د غا قارشى 23 يېڭى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىراقتىكى ئەنبار ۋە فەللۇجەدىكى ھاۋا بومباردىمانىدا 38 ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) ئەزاسىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. يەرلىك مەنبەلەر، بومباردىمانلاردا ئى ش ئى د نىڭ ئالتە ھەربىي ئاپتوموبىلى ۋە نۇرغۇنلىغان پارتلىغۇچى بۇيۇمنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
گەرچە ھاۋا بومباردىمانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئى ش ئى د ئىراقتا باغدادقا قاراپ ئىلگرىلىمەكتە. سۈرىيەدە بولسا، ئى ش ئى د نىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ھاۋا بومباردىمانلىرى سەۋەبلىك كوبانى شەھىرىدىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى، تۈنۈگۈن (15 – ئۆكتەبىر) سۈرىيەنىڭ كوبانى شەھىرى ئەتراپلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا بومباردىمانلىرىدا ئى ش ئى د نىڭ يۈزلەرچە ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى پېنسىيونىر گېنېرال جون ئاللېن «تەبىئىي كەسكىن قارار» دەپ نام بېرىلگەن ھاۋا بومباردىمانلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «تۈركىيە ئامېرىكىغا چەت ئەللىك جەڭچىلەر، مالىيە مەنبەسىنى قۇرۇتۇش، بىرلەشمە قىسىمغا ساھىبخانلىق قىلىش ۋە مەخپىي ھەربىي ھەرىكەت قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە ياردەم قىلدى. ئامېرىكا ناتو ئەزاسى ۋە دوست دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە تۈركىيەگە قەرزدار» دېدى.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورېنت فابىيۇس: «ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەش قىلغاندا، بەششار ئەسەدنى ئۇنتۇماسلىق لازىم. بەششار ئەسەد مەسىلىنىڭ ئەسلى مەنبەسى. مۆتىدىل قوزغىلاڭچىلارنى قوللىشىمىز لازىم. بەششار ئەسەد قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئۇرۇش قىلش ئۈچۈن مەھبۇسلارنى قويۇۋەتتى. ئۇ كىشىلەر ئى ش ئى د غا قېتىلدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر