ئىران: نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەتمەيمىز

ئىران نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

159437
ئىران: نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەتمەيمىز

ئىران ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نىفېت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشىدىن ئەنسرەپ كەتمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئىران مىللىي نېفىت شىركىتى دىرىكتورى رۇقنەددىن جەۋادى پايتەخت تېھراندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، دۆلەت چىقىمىنىڭ نېفىت كىرىمىدىن قىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى، بىراق نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
كېيىنكى كۈنلەردە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىت ھالدا نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئۈستىدە توختالغان جەۋادى، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ئالدىمىزدىكى ئايدا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدىمۇ نېفىت باھاسى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
جەۋادى رۇسىيەنىڭ ئىراندا نېفىت ساھەسىدە مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر