10 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى
ئەنبەردىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 10 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنبەردىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 10 ئى ش ئى د مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.
ئىراقنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەنبەر ۋىلايىتىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 10 ئى ش ئى د مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئى ش ئى د مىلىتانلىرىنىڭمۇ سالاھىدىن ۋالىيسىنىڭ ئۆيىنى بومبىلىغانلىقى، ئۆيدە ھېكىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د باشچىلىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىيۇن ئېيىدا مۇسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم رايوننىڭ كونىتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن، ئارمىيە بىلەن ئى ش ئى د مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ يېقىندىن بۇيان ئى ش ئى د نىڭ كونتىروللۇقىدىكى نىشانلارغا زەربە بەرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.