ئافغانىستاندا ناتوغا قارشى نامايىش قىلىندى
ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا يۈزلەرچە كىشى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قارشى نامايىش قىلدى.
154758
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) قىسىملىرى بۇ يىل ئاخىرىدا چېكىنىدىغان بولۇشىغا قارىماي، 10 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ «بىخەتەرلىك كېلىشىمى» دائىرىسىدە 2014 – يىلدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۇرۇشى، ئافغانىستاندا بىئاراملىق پەيدا قىلماقتا. ئافغانىستاندىكى 41 مىڭ ناتو ئەسكىرىنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭى بۇ يىل ئاخىرىدا ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىدۇ.