ۋىيېننادا بالقان رايونى كونفېرانسى يىغىنى ئۆتكۈزلدى

ۋىيېننادا ئۆتكۈزلگەن بالقان رايونى كونفېرانسى يىغىنى، ئاۋستېرىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي شەخسىلىرىنى ۋە مۇسۇلمان ئىجتىمائىي خەلق تەشكىلاتى ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.

153336
ۋىيېننادا بالقان رايونى كونفېرانسى يىغىنى ئۆتكۈزلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزلگەن بالقان رايونى كونفېرانسى، ئاۋستېرىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي شەخسىلىرىنى ۋە مۇسۇلمان ئىجتىمائىي خەلق تەشكىلاتى ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.
كونفېرانستا، ئاۋستىرىيەدە تەييارلانغان ۋە پارلامېنتقا سۇنۇلغان تالاش – تارتىشلىق "ئىسلام قانۇن تەكلىپى" مۇزاكىرە قىلىندى.
ئاۋستىرىيە پىرېزىدېنتى ھېنز فىسچېر، كونفېرانستا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، قانۇن تەكلىپىگە ئالاقىدار ئاخىرىقى قارارنى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاۋستىرىيە ئىسلام جامائىتى تەرىپىدىن ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان بالقان رايونى كونفېرانسى، "ئىسلام قانۇن تەكلىپى" نىڭ ئېغىر تەسىرى ئاستىدا ئۆتتى.
ئاۋستىرىيە پىرېزىدېنتى ھېنز فىسچېر كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە، ئاساسىي قانۇنغا زىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ماددىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، بىراق قانۇن تەكلىپىنىڭ تېخى رەسمىي قانۇنلاشمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، تېخىمۇ ياخشىراق بىر قانۇن تۈزۈلىشى ئۈچۈن 5 – 6 ھەپتىگىچە ئېتىراز بىلدۈرۈش پۇرسىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ھېنز فىسچېر "ئىسلام قانۇن تەكلىپى" ئەگەر ھازىرقى ھالىتى بىلەن قانۇنلاشقان تەقدىردىمۇ ئاخىرقى قارارنى بېرىدىغان ئورگاننىڭ ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر