ب د ت يەمەن پىرېزىدېنتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەن ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

153333
ب د ت يەمەن پىرېزىدېنتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەن ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندە تېخى يېقىندىلا نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىىشىغا ۋە يارىدار بولۇشىغا سەۋەب بولغان زوراۋانلىق ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىتى يەمەننىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.
ب د ت نىڭ يەمەن پىرېزىدېنتى ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنى داۋالامشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا يەنە، ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنىڭ سوتقا تاپشۇرۇلىشى كېرەكلىكى ۋە يەمەننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋالاشتۇرۇلىشى لازىملىقى تەكىتلەندى.
يەمەننىڭ پايتەختى سانئادا خۇسىيلەر توپلاشقان تەھرىر مەيدانىدا ئىككى كۈن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان ئادەمبومبا ھۇجۇمىدا 47 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 75 كىشى يارىدار بولغان بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى يەمەندىكى ئەل قائىدە تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر