ئى ش ئى د باغدادتىكى ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى
ئى ش ئى د باغدادنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى يېرىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.
151471
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ ئىككى ئايرىم يېرىدە بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 12 ئادەم ئۆلدى، 34 ئادەم يارىلاندى.
باغدادنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئەسسەدر شەھىرىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتى ماشىنا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 28 ئادەم يارىلاندى. يەنە باغدادنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئەسسادۇن يولىدا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا بىر ئادەم ئۆلدى، 6 ئادەم يارىلاندى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئى ش ئى د ئۈستىگە ئالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.