ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدۇق، لېكىن...

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جىن پساكى، تەڭپۇڭ رايون پىكرىنى قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقلىرىنى، لېكىن، نۆۋەتتە ئۇنى تەسىس قىلىشنى ئويلاشمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

151897
ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدۇق، لېكىن...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پساكى، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىتى ئۆزگەرمىدى» دېدى؛ باياناتچى پىساكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەڭپۇڭ رايون مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەر ھەردائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر تەكلىپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررىنىڭ تەڭپۇڭ رايون تەسىس قىلىشنىڭ بىر قاتار قىيىنچىلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن پساكى، «بىز بۇ مەسىلىنى دەتالاش قىلىش، شېرىك ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تەييارمىز. بۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررىنىڭ ۋەزىپىسى» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا ئى ش ئى د خەۋپىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پساكى، چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ ئالدىنى توسۇش، ئى ش ئى د نىڭ مالىيە قۇرۇلمىسى ۋە قانۇنىيلىشىشىغا قارشى تىرىشچانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر