خىتاي: 155 ئۇيغۇرغا دائىر ئۇچۇرلارنى دەلىللەۋاتىمىز

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مالايشىيا كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 155 ئۇيغۇرغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى دەلىللەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

151927
خىتاي: 155 ئۇيغۇرغا دائىر ئۇچۇرلارنى دەلىللەۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لىي 8- ئۆكتەبىر (2014) دىكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرنىڭ مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتكە قانۇنسىز شەكىلدە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ 155 ئۇيغۇرنى توختىتىپ قويغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ بارلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ مالايشىيادىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ – قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ۋاقىپ بولدۇق ۋە بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىنى دەلىللەۋاتىمىز» دېدى.

مالايشىيا مېدىياسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، دۆلەتكە قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 155 ئۇيغۇرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئارقىدىنلا مالايشىيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر