پاكىستان بىلەن ھىندىستان چېگراسىدا جىددىچىلىك بولماقتا

7 كۈندىن بۇيان ھىندىستان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن پاكىستاننىڭ ھىندىستان چگراسىغا يىقىن رايونلارغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 5 نەپەر پۇخرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

150943
پاكىستان بىلەن ھىندىستان چېگراسىدا جىددىچىلىك بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان بىلەن ھىندىستان چېگراسىدا جىددىچىلىك يۈز بەردى.
پاكىستاننىڭ ھىندىستان چگراسىغا يىقىن رايونلارغا 7 كۈندىن بۇيان ھىندىستان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 5 نەپەر پۇخرا ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 26 كىشى يارىدار بولدى.
پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ ھىندىستان چېگراسىدىكى پاسرۇر شاكارگار رايونىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە مىناميۇتلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 2 نەپەر پاكىستان پۇخراسى ھايتىدىن ئايرىلىپ، 11 كىشى يارىدار بولدى.
پاكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن تەڭ تۇقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سىيالكوت شەھىرىگە قاراشلىق جارۋا، ھارپال، پاسرۇر ۋە شاكارگار رايونلىرىدىكى ھۇجۇملاردا نۇرغۇن ساندا ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.
پايتەخت ئىسلامئابادتا پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان پاكىستان خەلق ھەرىكىتى رەھبىرى تاھىرۇل قادىرى، چېگرادىكى ھۇجۇملارغا باش مىنىستىر ناۋاز شەرىپنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەنقىد قىلدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى مۇناسىۋەت باش مەسلىھەتچىسى سەرتاج ئەزىز ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاكىستاننىڭ چېگرا سىزىقىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش ۋەقەلىرىگە تەمكىن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىندىستاننى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر