خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە يەر تەۋرىدى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يۈننەندە يۈز بەرگەن 6.6 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتە بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 324 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

150644
خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي جىڭگۇ ناھىيەسى بولۇپ، بەش كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن. يەر تەۋرەشتە بىر ئادەم ئۆلگەن، 324 ئادەم يارىلانغان. يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى جىڭگۇ ناھىيەسىدىكىلەر بولۇپ، 92 مىڭ 700 ئادەم يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 56 مىڭ 880 ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان. يەر تەۋرەش يۈننەننىڭ ھەممە يېرىدە ھېس قىلىنغان ۋە شۇ يەر ۋاقتى كەچتە 49: 21 ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن.
يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ياردەم ئەشيالىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
بىرمىغا چېگرالىنىدىغان يۈننەندە بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدىمۇ 6.1 بال چوڭلۇقتا يەر تەۋرىگەن ۋە 615 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. 1970 – يىلى يۈز بەرگەن 7.7 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتە بولسا، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر