كوبانىدە كوچا ئۇرۇشى يۈز بەردى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى كوبانىنىڭ شەرقىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم جايلارنى قولغا چۈشۈردى.

150141
كوبانىدە كوچا ئۇرۇشى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ئاين ئەل ئاراب دەپ ئاتىلىدىغان كوبانىنىڭ شەرقىدە كۆپ قىسىم جايلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى. ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم باشلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كوچا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن كوبانىغا 2 مىڭ ئادەم بىلەن كىرگەنلىكى قەيت قىلىندى. ئى ش ئى د ئەزالىرى بىلەن كوبانىنى مۇداپىئە قىلغان خەلقچىل قوغداش بىرلىكلىرى (YPG) ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ سانائەت رايونىغا مەركەزلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى. يېقىنقى كۈنلەردە ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن كوبانىدىكى بەزى مۇھىم ئېگىزلىك ۋە بىنالارغا ئى ش ئى د نىڭ بايراقلىرى قادالدى.
خەۋەرلەردە، ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ جەرياندا، ئى ش ئى د نىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن ناھىيەدىن قېچىشلارمۇ يۈز بەردى. مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 300 ئادەم كوبانىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر