ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئى ش ئى د نىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمىدى

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولالمايۋاتىدۇ.

148647
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئى ش ئى د نىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولالمايۋاتىدۇ.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى «ئەين ئەل ئەرەب» دەپمۇ ئاتىلىدىغان كوبانى رايونىغا ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ كەلمەكتە. مىلىتانلار شەھەرنى تۈن بويى توپقا تۇتماقتا، باشقۇرۇلىدىغان سنارەدلەرنى ياغدۇرماقتا.
شەھەردىكى قوراللىق كۈرت گۇرۇپپىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاساسلىق ترانسفورماتور بومبىلانغانلىقى ئۈچۈن، كوبانىدا توك بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى توختاپ قالغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، كوبانى ئەتراپىدىكى ئېگىزلىكلەردىن ئىس - تۈتەكلەر ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتمەكتە.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى كوبانىدا فىلىمگە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلدى.
كۈرت گۇرۇپپىلار بولسا شەھەرنىڭ قولدىن كەتمىگەنلىكىنى، قاتتىق توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.
سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇرماقتا.
سۈرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاما، ئىدلىب، ھەلەپ ۋە دەمەشق ئەتراپىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى رايونلارغا بومبا ياغدۇرۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
ئىراقتا بولسا باغدادتىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھىت شەھىرىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ كونىتروللىقىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. شەھەردە قورشاۋ ئاستىدا قالغان ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق بولسا تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.
ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى باغدادنىڭ ئەتراپى، مۇسۇل، فەللۇجە، رامادى ۋە سىنجار قاتارلىق رايونلاردا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا.
بۇ ئارىلىقتا، ئاۋىسترالىيە ئىراققا ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىش ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قاتنىشىش قارارى ئالدى.
دانىيەدىمۇ پارلامېنت ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشى ئۈچۈن 7 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىش قارارنامىسىنى تەستىقلىدى، كۇۋەيتكە ئورۇنلىشىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ يولغا چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر