پەلەستىن ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتتە

پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

146612
پەلەستىن ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن تەقدىردە خەلقئارا جازا مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش لايىھەسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى ھەرگىزمۇ بۇ يولدىن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەھمۇد ئابباس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان قەتلىئام جىنايەتلىرى ۋە ئىشغالىيەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىغا دائىر مۇزاكىرە يىغىنى ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىشى كېرەكلىكىگە چاقىرىق قىلغان ئىدى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر