ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئى ش ئى د نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

144757
 ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئى ش ئى د نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى مىلىتانلارنىڭ باغدادقا ئىلگىرىلىرىشىگە توسالغۇ بولالمىدى.
مىلىتانلارنىڭ باغدادقا كىرىشىگە 2 كىلومېتىردىن ئاز مۇساپە قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باغداد ئەتراپىدا يېقىنقى 2 كۈن ئىچىدە يۈزلەرچە ئىراق ئەسكىرى ئۆلگەن بولۇپ، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ سۈرىيەدە تۈركىيە چېگرىسىدىكى ئەيىن ئەل ئەرەب شەھىرىگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 5 كىلومېتىر يېرىقلىقتىكى مىلىتانلارنىڭ تۇنجى قېتىم شەھەر مەركىزىگە روكېت ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى، 15 روكېت ھۇجۇمىدا 1 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، روكېتلەرنىڭ بىر قىسمى تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن بىر جايغا چۈشكەن.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىلىتانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن يېزىلارنىڭ سانى 67 گە يەتكەن.
ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
سۈرىيە ئۆكتىچى مەنبەلەرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەدە 1 ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 211 مىلىتان بىلەن 22 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، مىلىتانلاردىن 60 ى ئەن نۇسرە ئالدىنقى سېپىدىن، قالغانلىرى كۆپىنچىسى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ئىكەن.
ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئەن نۇسرە بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى يېقىنلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «‹ Guardian › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەن نۇسرە ئالدىنقى سېپى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ئۇرۇش قىلىش پىلانلىرى تۈزۈپ چىقىش مەقسىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنلىرى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋەلىد مۇئەللىم، «‹ Associated Press › ئاگېنتلىقى» نىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى باشلىنىشتىن 24 سائەت ئىلگىرى ئۆزلىرىنى خەۋەردار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مۇئەللىم، «بىزمۇ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، جۈملىدىن بۇ بىزگە نىسبەتەن ياخشى ئەھۋال» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر