خوڭكوڭدا 28–ئىيۇل باشلانغان«ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى»داۋام قىلماقتا
خوڭكوڭنىڭ پۇل – مۇئامىلە ۋە مەمۇرىي مەركىزىي بولغان «Central» ناملىق رايوندىكى كوچىلاردا توپلانغان ئونمىڭلارچە نامايىشچى يوللاردا توساق قۇردى، ساقچىلار بولسا، يۈز بەرگەنلەرگە قاراپ تۇرۇش بىلەن كۇپايىلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ۋالىيسىنى ئەركىن سايلاش تەلىپى بىلەن كوچىلارغا چىققان ئونمىڭلارچە ئامما، خوڭكوڭ ۋالىيسى لياڭ چاڭيىڭنى ئىستېپاغا چاقىردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن نامايىشلارغا 87 قېتىم توسقۇنلۇق قىلغان خوڭكوڭ ساقچىلىرى يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشنى باشلاپ، نۇرغۇنلىغان جايلاردىن چېكىندى. بۇ جەرياندا، بىخەتەرلىك ئۈچۈن تاقالغان مەكتەپلەر يەنە بىر كۈن قويۇۋېتىلدى. بۈگۈنگىچە 12 ساقچى بولۇپ، جەمئىي 41 ئادەم يارىلاندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شەھەر دۆلىتى دەپ ئاتاشقا بولىدىغان خوڭكوڭ تاشقى سىياسەت ۋە مۇداپىئەدە خىتايغا ئائىت بولسىمۇ، ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاساسىي قانۇن سايىسىدە 8 مىليون خەلق پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، شۇنداقلا نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. خوڭكوڭ ياشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنىڭ، ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىغا ۋە ئاساسىي ھەق – ھوقۇقلارغا چەكلىمە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
نامايىشچىلار بۇ ئەندىشە سەۋەبىدىن 2017 – يىلى ئۆز رەھبىرىنى بىۋاستە سايلاشنى تەلەپ قىلماقتا. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاستە سايلامغا قارشى چىقىپ، ئۆزىگە سادىق نامزاتلارنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان ۋاستىلىك سايلامنى زورلاپ تېڭىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى چىقارغان قارارىغا ئاساسلانغاندا، 2017 – يىلى خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ 1200 كىشىلىك كومىتېت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئىككى ياكى ئۈچ نامزات ئىچىدىن خەلق ئاۋازى بىلەن سايلىنىشى تەشەببۇس قىلىنماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.