ھازار دېڭىزىنى بەش دۆلەت بۆلۈشىدىغان بولدى

ھازاردا ساھىلى بولغان بەش دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ھازار دېڭىزىنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىنى بەلگىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.

144081
ھازار دېڭىزىنى بەش دۆلەت بۆلۈشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا، تەرەپلەر ھازاردا ئىچكى دېڭىزنى بۆلۈشۈش مەسىلىسىدە دەسلەپكى كېلىشىمنى ھاسىل قىلدى. بەش دۆلەت كېلەر يىلى كېلىشىم ئىمزالاش توغرىسىدا قارار ئالدى. يىغىنغا، ئەزەربەيجان، رۇسىيە، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى قاتناشتى. يىغىندا ئېلىنغان قارارغا ئاساسلانغاندا، ساھىل دۆلەلىرىنىڭ ئىگىلىك ساھەسى 15 مىل، بېلىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان رايون بولسا 10 مىل بولىدىكەن. بۇنىڭ سىرتىدىكى بايلىق مەنبەلىرى ئورتاق قوللىنىلىدىكەن. بىراق، ھازىر ھازار دېڭىزىدىكى چېگرالار ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولۇپ، كېيىنكى قېتىملىق يىغىنغىچە بۇ مەسىلىنى تاماملاش تەكلىپ قىلىنغان. يىغىندا يەنە، ئىككى يىل ئىچىدە ھازاردا ئورتاق دېڭىز مانىۋېرى ئۆتكۈزۈشمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يىغىندا ئېلان قىلىنغان خىتابنامىنىڭ ھازارنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ ئۇل تېشىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ھازاردا ساھىلىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭلا رايوندا ھەربىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ھازار دېڭىزىنىڭ كېلەچەكتە تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق رايونىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى يۈرگۈزگەن ئىشغال قىلىش سىياسىتىنىڭ، رايونلۇق بىخەتەرلىككە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان بىردىنبىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ھازار دېڭىزىنى ئوراپ تۇرىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر