ياپونىيەدە يانار تاغ پاجىئەسى يۈز بەردى
ياپونىيەدىكى ئونتاكې يانار تېغىدا ۋولقان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئونلارچە ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
142180
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ئوتتورا قىسىملىرىغا جايلاشقان ئونتاكې يانار تېغى پارتلاپ، ۋولقان ئېغىزىغا يېقىن يەردە قاپسىلىپ قالغان 30 تاغقا ياماشقۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تاغقا ياماشقۇچىلارنىڭ ئۆكسېگىن يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن يۈرەك سانجىقىغا مۇپتىلا بولۇپ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. تەخمىنەن 3 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى يانار تاغ پارتلىغاندا، ۋولقان ئېغىزىغا يېقىن جايدا بالىلارنى ئۆز ئىچىگە تاغقا يامىشىش ئەترىتى بار ئىدى.
قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق كۈل ۋە چاڭ – توزان ئاستىدا قالغان ئاپەت رايونىدىكى قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.