خىتايدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭشى ئاپتونۇم رايونىدا پىچاقلىق بىر زوراۋان 4 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۆلتۈردى.

139882
خىتايدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭشى ئاپتونۇم رايونىدا پىچاقلىق بىر زوراۋان 4 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۆلتۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىڭشەن شەھىرىنىڭ پىڭشەن يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا كىملىكى نامەلۇم بىر كىشىنىڭ پىچاقلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان 4 نەپەر ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ ئوقۇغۇچى نەق مەيداندا، بىرى بولسا دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى گۇماندارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئىزدەش - ئاختۇرۇش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر