ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

134381
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە مەزمۇن قىلىنغان ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش ماددىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشى ئۇچۇر-ئالاقە ئانالىز مەركىزى باياناتچىسى ئاندرېي لايسېنكو، توقۇنۇشلار ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان رايونلاردا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن شەرقتىكى ئەسكەرلىرىنى رۇسىيە بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ يەنىلا توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بۇ توقۇنۇشلاردا 24 سائەت ئىچىدە 2 نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر