ئۇكرائىنادا ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئالماشتۇرۇلدى

ئۇكرائىنادا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئالماشتۇرۇلدى.

133978
ئۇكرائىنادا ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئالماشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ۋە بىتەرەپ رايون بەرپا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشىنىڭ ئەكسىچە، رايوندىن توقۇنۇش خەۋەرلىرى كېلىش بىلەن بىرگە، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئالماشتۇرۇلدى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قولىدىكى رۇس تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە تەۋە ئەسىرلەر بىلەن رۇس تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قولىدا ئەسىر ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى دونېتسككە يېقىن بىر جايدا ئېلىپ بېرىلدى.
تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يەنە ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنماقتا. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى كۈچلەر رايوندا مۇقىملىق بەرپا قىلىش ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا توسالغۇ بولۇش مەقسىتىدە بىتەرەپ رايون بەرپا قىلىش مەسىلىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقان ئىدى.
بىراق بۇلارنىڭ ئەكسىچە دونېتسكنىڭ بەزى رايونلىرىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. شەرق تەرەپتىكى بەزى جايلاردا توقۇنۇشلار يۈز بەردى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى 2000 توننا يېمەك-ئىچمەك، دورا-دەرمەككە ئوخشاش ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ ماڭغان 200 يۈك ماشىنىسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر