ئافغانىستاندا سىياسىي كۈچلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

ئافغانىستاندا پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

133947
ئافغانىستاندا سىياسىي كۈچلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا تالاش-تارتىشلىق ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرىدىن كېيىن، سىياسىي كۈچلەر كۈچ بۆلۈشۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئەشرەف غېنى ئەھمەتزاي، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان بىر-بىرلىرىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئەشرەف غېنى ئەھمەتزاي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان كېلىشىمدىن كېيىن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.
كېلىشىم نەتىجىسىدە ئافغانىستاننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ئەھمەتزاي بولىدۇ، ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بولسا يېڭى بەرپا قىلىنغان «ئىجرائىيە رەئىسلىكى» ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر ئىككى كىشى ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ.
ئىمزا مۇراسىمىغا ھېلىھەم پىرېزىدېتنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھامىد كارزايمۇ قاتناشتى. ئافغانىستاندا ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى باسقۇچلۇق سايلامدا ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئۇتۇپ چىققان ئىدى. بىراق ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا بولسا ئۇتۇپ چىقالمىدى. ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ئەشرەف غېنىنىڭ سايلامغا ھىيلە-مىكىر ئارىلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا ئاز قالغان بۇ كۈنلەردە، پىرېزىدېنت نامزاتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كېلىشمەسلىكلەر تۈپەيلى، تولۇق مۇئەييەنلىشىپ بولمىغان سايلام نەتىجىلىرى ئافغانىستاندا سىياسىي كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقاردى.
خەلقئارا قىسىملارنىڭ بىر قىسمى ئافغان ئارمىيىسىگە ھەربىي تەلىم بېرىش مەقسىتىدە كېلەر يىلىمۇ ئافغانىستاندا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشى ئۈچۈن يېڭى پىرېزىدېنت بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر