«ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئورتاق بومبا سىنىقى مەغلۇپ بولدى»

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

120853
«ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئورتاق بومبا سىنىقى مەغلۇپ بولدى»

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز (ئاق دېڭىز) دا بىرلىكتە قىلغان بالىستىك بومبىغا قارشى ئىقتىدارغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان مائارىف گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ئاگېنتلىقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىن بىرلىكتە قويۇپ بەرگەن ھاۋادا تۇرغۇزۇپ يوقىتىپ تاشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە «Arrow 2» ناملىق بومبا سىنىقى ئۇتۇقلۇق بولمىغان.

گېزىت، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق سىناقلارنىڭ ئەكسىچە بۇ قېتىمقى سىناقتىن كېيىن سىناق ھەققىدە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، «ئىسرائىلىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە ئاگېنتلىقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدا ھاۋادا تۇرغۇزۇپ يوقىتىپ تاشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە «Arrow 2» ناملىق بومبىنى سىناق قىلغانلىقى» نى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر