ئىراق پارلامېنتى يېڭى ھۆكۈمەتنى تەستىقلىدى

ھەيدەر ئەل ئابادى ھۆكۈمىتى ئىراق پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

118866
ئىراق پارلامېنتى يېڭى ھۆكۈمەتنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پارلامېنتى يېڭى ھۆكۈمەتنى تەستىقلىدى.
ھەيدەر ئەل ئابادى ھۆكۈمىتى ئىراق پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.
شۇنىڭ بىلەن، ئىراقتا شىئە، سۈننىي ۋە كۈرت ئەزالاردىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولدى.
ھۆكۈمەت پىروگراممىسى 288 پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا 177 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشىگە ئېرىشتى.
يېڭى ئىچكى كابىنېتتا سابىق باش مىنىستىر ۋە قانۇن دۆلىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى نۇرى ئەلمالىكى، مۇتتەھىدۇن بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى ئۇسامە ئەننۇجەيفى ۋە ئىراق مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى ئىياد ئاللاۋى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.
سۈننىي سىياسىيون سالىھ مۇتلەق، بەھا ئەرەجى ۋە سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھوشيار زەبارى مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان تالاش - تارتىشلاردىن كېيىن قۇرۇلغان ئىچكى كابىنېتتا 17 مىنىستىرلىك شىئەلەرگە، 7 مىنىستىرلىك سۈننىيلەرگە، 4 مىنىستىرلىك كۈرتلەرگە، 1 مىنىستىرلىك ئاز سانلىقلارغا بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ناھايىتى مۇھىم بولغان نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى شىئەلەرگە بېرىلدى.
ئىراقتا 30 - ئاپرېل كۈنى پارلامېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلگەن، سابىق باش مىنىستىر نۇرى ئەل مالىكىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقالماسلىقى ۋە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى باشچىلىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى كېچىكتۈرۈلگەنىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئىراقتىكى شىئە دىنىي لىدەرلەرنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاساسەن ئەلمالىكى، ئۈچىنچى باسقۇچتا باش مىنىستىر بولۇشتىن ۋازكەچكەن، جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان فۇئاد مەسۇم ھەيدەر ئەل ئىبادىنى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر