مېدۋېدېۋ: «رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقىشى مۇمكىن»
رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىغا قارشى ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
![مېدۋېدېۋ: «رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقىشى مۇمكىن»](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/2178773474dimitrimedvedev.jpg?time=1719216071)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىغا قارشى ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقىۋېتىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئەگەر بىزنىڭ ئېنېرگىيە ۋە پۇل – مۇئامىلە ساھەمىزگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلسە، بۇ ئېمبارگولارغا قارشى جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى. ئۇ دۆلەتلىرىنىڭ ھاۋا يولى شىركەتلىرى رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن پايدىلانمىغان تەقدىردە ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى: «غەربتىكى دوستلىرىمىزنىڭ بۇنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئۇ ئاخىرىدا، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئېمبارگو ئۇرۇشلىرىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانلىقىنى، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە خەۋپسىزلىككە تەھدىت سالغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/de7a/4a07/b475/666eac96c0472.jpg?time=1719216071)
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.