ناتو نىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى داۋاملاشماقتا
ناتو نىڭ 26 - نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى داۋاملاشماقتا
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو نىڭ 26 - نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى داۋاملاشماقتا.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى ئولتۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ.
ئەردوغان، يىغىن جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئانتونىس ساماراس ۋە پولشا پىرېزىدېنتى بورونىسلاۋ كومورروۋىسكى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىمۇ تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولغانىدى.
يىغىن جەريانىدا يەنە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلمازمۇ كەسپداشلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارماقتا.