سەئۇدى ئەرەبىستانى 88 «تېررورلۇق» گۇماندارىنى قولغا ئالدى

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇق پائالىيەتلىرى» نى سادىر قىلىشنى پىلانلىغان 88 ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

112698
سەئۇدى ئەرەبىستانى 88 «تېررورلۇق» گۇماندارىنى قولغا ئالدى

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 84 ى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق، ئۈچ نەپىرى يەمەنلىك ۋە كىملىكى ئىسپاتلىنالمىغان بىر كىشى بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 88 كىشىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى تېرروتورىيەسى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا «تېررورلۇق پائالىيەتلىرى» نى پەيدا قىلىش پىلانى تۈزۈۋاتقاندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مەنسۇر ئەتتۈركى پايتەخت رىيادتا بايانات بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 88 كىشىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ چەت ئەللەردىكى بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە دۆلەت تەۋەلىكىدە ئاشقۇن ئىدىيەدىكى 10 ئايرىم «تېررورلۇق شايكىسى» نى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەزىز بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ئالدى ئېلىنمىغان تەقدىردە تېررورىزمنىڭ يېقىن كېلەچەكتە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا خەۋپ شەكىللەندۈرۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر