ئەنگلىيە پارچىلىنامدۇ؟

شوتلاندىيەدە مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

112053
ئەنگلىيە پارچىلىنامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيە مۇستەقىللىق ئۈچۈن 18-سىنتەبىردە بېلەت تاشلايدۇ.
شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمغا 15 كۈن قالغاندا، مەملىكەت مىقياسىدا مۇستەقىللىقنى قوللاش يۈزلىنىشىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يۇۋگوۋ ئىسىملىك تەتقىقات شىركىتىنىڭ راي سىناش تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋغۇستتا شوتلاندىيە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئالېكىس سالموند ئىشتىراك قىلغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنىڭ تەسىرىدە مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى قوللاش يۈزلىنىشى كۈچەيگەن.
راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ 53%ى مۇستەقىللىققە «رەت» ئاۋازى بېرىدىغانلىقىنى، 47%نىڭ مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ رېفېراندۇم يېقىنلاشقانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئاۋغۇستتا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا مۇستەقىلچىلەر 43%، مۇستەقىللىققە قارشى چىققۇچىلارنىڭ نىسبىتى 57%نى ئىگەللەيتتى. رېفېراندۇمنىڭ نەتىجىسىگە ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
شوتلاندىيەنىڭ بىرىتانىيە خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقىش ھەققىدىكى رېفېراندۇم 18-سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە شوتلاندىيە خەلقىدىن «شوتلاندىيە مۇستەقىل دۆلەت بولۇش كېرەكمۇ؟» دېگەن سوئال سورىلىدۇ. رېفېراندۇمدىن «ئىجابىي» نەتىجە چىقسا ۋە مۇزاكىرىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، شوتلاندىيەنىڭ بىرىتانىيە خانلىقىدىن تولۇق مۇستەقىللىقى 2016-يىلىدىن ئىلگىرى ئىشقا ئاشمايدۇ. رېفېراندۇمغا 4 مىليون شوتلاندىيەلىكنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر