ئوكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئوكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
110208
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئازاق دېڭىزىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوكرائىنا ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
ھۇجۇمدىن 8 نەپەر ئوكرائىنا ئەسكىرىنىڭ قۇتۇلۇپ قالغانلىقى، 2 نەپەر ئەسكەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئوكرائىنا چېگرا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوكرائىنا ئەسكەرلىرى چىققان كاتېر ھۇجۇم نەتىجىسىدە چۆكۈپ كەتكەن. كاتېرغا ئوكرائىنا تەرەپتىنمۇ ياكى رۇسىيە تەرەپتىنمۇ ئوق تەگكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.