ئاۋستىرالىيە رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرۈگۈزۈشنى قارار قىلدى

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى تونى ئابوت رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغانلىرىنى «لۈكچەكلىك» كە ئوخشاتتى.

110079
 ئاۋستىرالىيە رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرۈگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغان ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى تونى ئابوت بۈگۈنگىچە 2 مىڭ 500 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەقەلەرنى باشلىغان رۇسىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسيە كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ ۋەقەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېدى.
ئاۋستىرالىيە رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ سەۋىيەسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى يۈرگۈزگەن ئېمبارگو سەۋىيەسىگە چىقاردى، بۇ دائىرىدە رۇسىيەگە قورال سېتىشقا چەكلىمە قويدى، دۆلەت مىنىستىرلىرىنىڭ ئاۋستىرالىيە پۇل بازىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىغىمۇ چەكلىمە قويدى. ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى مارت ئېيىدا رۇسىيەگە قارشى بەزى مالىيە ئېمبارگولىرىنى ۋە ساياھەت چەكلىمىلىرىنى يولغا قويغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا مارت ئېيىدا قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئېمبارگولارنىڭ سالمىقى ئېغىرلاشقان ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتە ئۇكرائىنا زېمىنىدا رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بارلىقى بايقالغاندا، رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدە تەھدىت سالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر