ناتو نىڭ باياناتى غەرب دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا كەم دېگەندە مىڭ ئەسكىرى بار» تەرىقىسىدىكى باياناتى غەرب دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

107335
ناتو نىڭ باياناتى غەرب دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا كەم دېگەندە مىڭ ئەسكىرى بار» تەرىقىسىدىكى باياناتى غەرب دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى يېن پىساكىمۇ، رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند، رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەۋجۇدىيىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ئازاق دېڭىزى چېگرىسىدىكى توقۇنۇشلار جەنۇبقا قاراپ كېڭىيىپ، خەتەرلىك ۋەزىيەت شەكىللەندۈرمەكتە.»
ئىتالىيە باش مىنىستىرى ماتتېئو رېنزى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
ئۇچرىشىشتا، ئۇكرائىنادا ئېقىۋاتقان قاننىڭ توختىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق توختالغاندا، رۇسىيەنى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي چارە تېپىشقا چاقىردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ۋەتەنداشلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سوغۇققان بولۇشى ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر