ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بۆلگۈنچى كۈچلەر ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە

ئوكرائىنانىڭ شەرقىدە ۋەزىيەت بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە.

106082
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بۆلگۈنچى كۈچلەر ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا دۇنيا رەھبەرلىرى تىنچلىق سىگناللىرى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن ھالەتتە تۇرماقتا.
رۇسىيە تەرەپدارلىرى بولغان بۆلگۈنچى كۈچلەر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان نوۋازوۋسكا شەھرىگە توپ ئوقلىرى ئاتتى. ۋەقەدە 4 ئادەم يارىلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، خورلىۋكا ۋە ئىلوۋايكس شەھەرلىرىدە بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن ئوكرائىنا ئەسكەرلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. توقۇنۇشلاردا 200 بۆلگۈنچى بىلەن 13 ئوكرائىنا ئەسكىرى ئۆلدى. دونېستىكتا بىر ئاپتوموبىل پارتلاپ كېتىپ، نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھەر قايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى تەرەپلەرنى مۇرەسسەلىشىشكە چاقىردى. رۇس رەھبەر ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترپوروشېنكو، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە قىلىنغان ياردەملەرنىڭ قىزىل كىرېت جەمئىيىتى ۋاستىسى بىلەن ئەۋەتىلىشى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ئارسېنىي ياتسېنيۇك ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، ئۇكرائىنا بولۇپ رايونغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھىم قارارلارنىڭ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر