مىنىسكتە چاقىرىلغان ئۇكرائىنا يىغىنى ئاخىرلاشتى

ئۇكرائىنا كىرىزىسى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ، كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قارارلاشقا ئىگە ئىكەنلىكى، بىراق سۈركىلىشنى پەسەيتىش ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى

104901
مىنىسكتە چاقىرىلغان ئۇكرائىنا يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىسكتە چاقىرىلغان ئۇكرائىنا يىغىنى ئاخىرلاشتى.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ، كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قارارلاشقا ئىگە ئىكەنلىكى، بىراق سۈركىلىشنى پەسەيتىش ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، تەرەپلەرنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ نورماللىشىشى ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى لازىملىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، ئالاقە گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنىپ، ئۇچرىشىشلارنى بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكتە داۋاملاشتۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇكرائىنا يىغىندىن كېيىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ئايرىم كۆرۈشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر