ئۇكرائىنادا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى ئالدى

103990
ئۇكرائىنادا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى ئالدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پارلامېنت تەشكىل قىلىش نىشان قىلىنغان سايلام 26 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئۇكرائىنا سودا - ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى پاۋلو شېرېمېت، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ئۆزىنىڭ پىكرى ئېلىسمانتىن ئالغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.
ئىستېپادىن كېيىن پوروشېنكونىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى ئېلىشى كۈتۈلۈۋاتاتتى.
بۇ ھەقتىكى قارار ئۆتكەن ھەپتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇكرائىنا مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن كېيىن ئېلىندى.
پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكو قارارنامە ئىمزالاپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، پارلامېنت تەشكىل قىلىنىدىغان سايلاملار 26 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر