خىتاي يەرلىك تېلېفون ئىشلىتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى

شاڭخەيدىكى 10 مىڭ دۆلەت خىزمەتچىسىگە «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» سەۋەبىدىن خىتايدا ياسالغان ئەقىللىق تېلېفون تارقىتىپ بېرىلدى.

102320
خىتاي يەرلىك تېلېفون ئىشلىتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» سەۋەبىدىن يەرلىك ماركىلىق ئەقىللىق تېلېفون ئىشلىتىش يوليورۇقىنىڭ بېرىلگەنلىكى ۋە بۇ دائىرىدە شاڭخەي شەھىرىدە 10 مىڭ دۆلەت خىزمەتچىسىگە تېلېفون تارقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رەسمىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاۋازلىق، يازما، كۆرۈنۈشنى ئاساس قىلغان ئالاقىلىشىش ۋە ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى چەت ئەل تەھدىتلىرىدىن ساقلاپ قېلىش، شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى نامىدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمدە پۇل – مۇئامىلە مەركىزىي شاڭخەيدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە يەرلىك «كۇلپەد» (Coolpad) ماركىسى چاپلانغان ئەقىللىق تېلېفون تارقىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
شىركەت مەسئۇللىرى بازار باھاسى 1990 يۈەن (تەخمىنەن 323 دوللار) بولغان 4G تېلېفونلارنىڭ شاڭخەيدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 مىڭ دۆلەت خىزمەتچىسىگە تارقىتىش ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەتكە سېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
«كۇلپەد» ماركىلىق ئەقىللىق تېلېفونلارنىڭ بېيجىڭ، شېنجىن ۋە باشقا شەھەرلەردىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تارقىتىلىشقا باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. شاڭخەيدە خىزمەت دائىرىسى بويىچە بولغاندا ئەقىللىق تېلېفون ئىشلىتىشى كېرەك بولغان 150 مىڭ مەمۇرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.
خىتايدا ئامېرىكىنىڭ «ئەپىل» ماركىلىق ئەقىللىق تېلېفونلىرىنى ئىشلەتكەن دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن دۆلەت مەخپىيىتىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر