ئۇكرائىنا، رۇسىيەپەرەسلەر ئۈستىدىن مۇھىم غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى

رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىككى مۇھىم شەھەردىن بىرى بولغان لۇگانسىكنىڭ كۆپ قىسمى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتتى.

98675
ئۇكرائىنا، رۇسىيەپەرەسلەر ئۈستىدىن مۇھىم غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى ئاندىرىي لىيسېنكو، رۇسىيە چېگراسىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەرنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى ۋە چىققان ئېتىشىشلاردا 52 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئېتىشىش جەريانىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ئائىت «SU-25 » تىپلىق بىر ئايروپىلاننى رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى، ئۇچقۇچىدىن خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى دونېتسىكنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى بازارلاردا كوچا جېڭى يۈز بەرمەكتە.
دونېتسىكتىكى رۇسىيەپەرەسلەر بومباردىماندا توققۇز ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ پەيتلەردە، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە 17 – ئاۋغۇست ئەۋەتكەن ۋە چېگراغا يېقىن روستوۋ شەھىرىدە ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 260 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇكرائىناغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 35 خادىمى ئاپتوموبىللارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.
خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئېۋان ۋوتسون ئۇكرائىنا تەرەپتىكى يوللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگەنلىكلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن بىخەتەرلىك كاپالىتى ئالغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
رۇسىيەپەرەسلەرگە ياردەم قىلىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىللارغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان ئۇكرائىنا، خەلقئارا قىزىل كىرېست تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا چېگرادىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر