پاكىستاندا ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەر سۆھبەتلەشتى

بىر قانچە كۈندىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا سەھنە بولۇۋاتقان پاكىستاندا، ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەر مۇزاكىرە ئۈستىلىگە كەلدى.

98695
پاكىستاندا ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەر سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە، پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى ۋە پاكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ ھەيئەتلىرى ھۆكۈمەتكە تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سۆھبەتنىڭ ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنى خۇشال قىلىدىغان ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
پاكىستان پارلامېنت بىناسى ۋە باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسى جايلاشقان «چەكلەنگەن رايون» دىكى نامايىشچىلار سۆھبەتتىن خۇشال، ئەمما تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئالدىرىماقتا. پاكىستاندا 14 – ئاۋغۇست ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى باشلىغان ئىككى پارتىيە، باش مىنىستىر ناۋاز شېرىف ۋە پەنجاپ ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى شاھباز شېرىفنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئادالەت ھەرىكىتى رەھبىرى ئىمرانخان بىلەن خەلق ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبىرى تاھىر ئۇلقادىرنىڭ باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەر، ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
پۈتۈن قانۇنىي يوللار سىناق قىلىنغان بولسىمۇ سايلام نەتىجىلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب ئالالمىغان ئىمرانخان، دۆلەت مىقياسىدا باشلانغان نامايىشلارغا رەھبەرلىك قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر