ئىسرائىلىيەدە 15 مىڭ ئادەم نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسرائىلىيەدە 15 ئادەم ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

93769
ئىسرائىلىيەدە 15 مىڭ ئادەم نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە «نۆۋەت تىنچلىق ھەرىكىتى» ھۆكۈمەتنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ئىسرائىلىيەدىكى نۆۋەت تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېل ئاۋىۋدىكى رابىن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇشقا قارشى نامايىشقا تەخمىنەن 15مىڭ ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «بىزنىڭ يېتەكچىلىكىمىزدە ئىسلاھات ۋە ئۆزگىرىشلەر ۋۇجۇدقا چىقىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ھەرىكەتنڭ تاشقى ئالاقە كومىتېتى باشلىقى ئانات بېن نۇنمۇ رەسمىي تىۋتتېر ھېساباتىدا «نامايىشچىلار ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىققا قارشى شوئار توۋلاشتى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
بۇنىڭدىن سىرت، يېدوس ئاخرونوس گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، مېرېتس پارتىيەسى باشلىقى زاخاۋا گالوننىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنى ئىستىپا بېرىشىكە چاقىرغانلىقى قەيت قىلىندى. گالون نېتانياھۇغا: «مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىڭ، ھاكىمىيىتىنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ ۋەزىپەڭدىن ئىستېپا بېرىشىڭ كېرەك. 5 يىلدىن بۇيان تىنچلىق خالاپ باقمىدىڭ، ئەرەب تىنچلىقىنى رەت قىلدىڭ. پەلەستىن مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمىدىڭ، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى بۇزۇۋەتتىڭ. پەلەستىن زېمىنلىرىدا تۇرالغۇ جاي خىزمەتلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردۇڭ» دەپ خىتاب قىلدى.
گالون نېتانياھۇغا يەنە مۇنداق دېدى: «64 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى بىلەن 2000 غەززەلىكنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، بەلكىم سەن ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەيلا كېلىشىم قوبۇل قىلىشنىڭ كويىغا كىرگەن بولۇشۇڭ مۇمكىن.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر