مۇستەقىل پاكىستان 68 ياشقا كىردى...

بىراق پاكىستان پەقەت مۇستەقىللىقنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگىلا ئەمەس، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغىمۇ سەھنە بولماقتا

91473
مۇستەقىل پاكىستان 68 ياشقا كىردى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستەقىل پاكىستان 68 ياشقا كىردى...
بىراق پاكىستان پەقەت مۇستەقىللىقنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگىلا ئەمەس، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغىمۇ سەھنە بولماقتا.
1947 - يىلى مۇھەممەد ئەلى جىنناھ رەھبەرلىكىدە ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان پاكىستان، ھازىرغىچە ئاساسلىقى ھەربىي ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى.
بىراق 2008 - يىلى پەرۋەر مۇشەررەفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى ۋە پۇقراۋى پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى، ئارقىدىنلا سايلام ئارقىلىق بىر ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن دېموكراتىك قەدەملەش تاشلىنىشقا باشلىدى.
مۇستەقىللىقى، دېموكراتىك سەپەرلىرىنى تەبرىكلەۋاتقان پاكىستانلىقلارنىڭ بىر قىسمى ئەركىنلىكلەرگە چەكلىمە قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە.
باش مىنىستىر ناۋاز شېرىف، «مۇستەقىللىققا ئېرىشىش بىلەن پۈتكۈل خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئەركىن ياشاشقا باشلىدى. بارلىق پاكىستانلىقلار باياشاتلىق، تەرەققىيات ۋە تىنچلىق ئۈچۈن، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا دۆلەتنى قۇرۇپ چىقتى» دېدى.
پايتەخت ئىسلامئابادتا مۇستەقىللىقنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارمۇ ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، «ئەركىنلىك سەپىرى» نامى ئاستىدا يەنە لاھوردىن پايتەخت ئىسلامئابادقىچە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى رەھبىرى ئىمران خان، قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلدى ھەمدە ھېچكىمنىڭ بۇ ھەرىكەتنى بېسىقتۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پاكىستان خەلق ھەرىكىتى ۋە قۇرئان يولى ھەرىكىتى رەھبىرى تاھىر ئەل قەدرى بولسا، پەنجاب ئۆلكىسىنىڭ لاھور شەھىرىدىن ئىسلامئابادقىچە «ئۇزۇن سەپەر» گە ئاتلاندى.
نامايىشقا قاتناشقان كۆپ ساندىكى قەدرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ئاپتوبۇسلار بىلەن لاھور شەھەر مەركىزىدىن ئىسلامئابادقا قاراپ يولغا چىقتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر