ياۋروپا جۇمھۇر رەئىسلىق سايلىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇمھۇر رەئىسلىق سايلىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

88749
ياۋروپا جۇمھۇر رەئىسلىق سايلىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىق سايلىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلانغان جۇمھۇر رەئىسلىق سايلىمى ئارقىلىق خەلق بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئارىسىدا بىۋاستە مۇناسىۋەت قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتى جۇمھۇر رەئىسلىق سايلام مۇساپىسىنى كۆزىتىپ چىقىپ دوكلات تەييارلاپ چىقتى.
ھەيئەت تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ سايلام ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى كۆزەتكۈچى ھەيئەت باشلىقى مېرىتكېل ماتۇ پى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلانغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە خەلق بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئارىسىدا بىۋاستە مۇناسىۋەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
ماتۇ پى جۇمھۇر رەئىسلىق سايلىمىنىڭ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە ساھەسىدىكى يېڭى دەۋىرنىڭ مۇقەددىمىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. سايلام كۆزىتىش ئىشخانىسى باشلىقى باش ئەلچى گېرت ھىنرىچ ئاخرېنىسمۇ تۈرك دائىرلىرىگە بولۇپمۇ ھۆكۈمەتكە ۋە ئالىي سايلام ئورگىنىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ئاخرېنىس ئەركىن سايلام سەپەرۋەرلىك مۇھىتى يارىتىلغانلىقىنى، تۈركچىدىن سىرت باشقا تىللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە چەت دۆلەتلەردىمۇ بېلەت تاشلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر