خىتاي ھازىرىي ئۇچۇر - ئالاقە تۈزۈمىنى كۈچەيتتى

خىتاي دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ھازىرىي ئالاقە قوراللىرىنىڭ ئاممىۋىي ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى.

85505
خىتاي ھازىرىي ئۇچۇر - ئالاقە تۈزۈمىنى كۈچەيتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى، ھازىرىي ئالاقە قوراللىرىنىڭ ئۇچۇرلىشىش مۇلازىمىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنىڭ كەڭ تارقىلىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەزا بولۇش ئارقىلىق ئىشلىتىلىدىغان ھازىرىي ئۇچۇرلىشىش مۇلازىمىتىنى قاتتىق كونترول قىلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى قېتىم ئۇچۇرلىشىش مۇلازىمىتىگە ئەزا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئەزا بولۇشى شەرت قىلىنىدىكەن. ئەزا بولغانلار سوتسىيالىستىك تۈزۈم، دۆلەت مەنپەئەتى، قانۇنىي ھەق ۋە پۇقرالىق مەنپەئەتلىرى، ئاممىۋىي تەرتىپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق دېگەندەك بەلگىلىمىلەر ئاستىدا قانۇن دائىرىسىدە تارقاتقان ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.

بەلگىلىمىدە ئەسكەرتىلگەن كۆرسەتمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش ھوقۇقى ۋە ھېساۋاتلىرىنى يېڭىلاش سالاھىيىتىگە چەكلىمە قويۇلىدىكەن، ھەتتا خىلاپلىق قىلىش سەۋىيەسىگە قاراپ ئابونېنتلىقى بىكار قىلىنىدىكەن. بۇلاردىن سىرت ھازىرىي ئۇچۇر – ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار، سىستېمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئابونېنتلارغا تەۋە ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇنسىز ئۇچۇرلار مەسىلىسىدە تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

خىتاي دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە ئارقىلىق سۈرئەت بىلەن زورىيىۋاتقان ھازىرىي ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

ماي ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلاردا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم پەن – تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر