خىتاي، ئوبامانىڭ ئىراق قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بېيجىڭ دائىرىلىرى، باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىكى ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ھاۋادىن زەربە بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك قارارىنى ئوبامانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

110829

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش شەرتى بىلەن ئىراقنىڭ مۇقىملىق ۋە ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىق تەرىپىدىن تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بېيجىڭنىڭ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش يولىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئىراق نېفىت ئېكسپورتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى سېتىۋېلىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ نېفىت ھاۋزىسىدا سېلىنمىلىرى بار.
بېيجىڭ دائىرىلىرى ئوتتۇرا شەرقتە يۈكسىلىۋاتقان ئاشقۇن دىنىي ئېقىملاردىنمۇ كۈچلۈك ئەندىشە ھېس قىلماقتا.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر