ئۇرۇش توختىتىش يەنە 72 سائەت ئۇزارتىلدى

ئىسىرائىلىيە مىسىرنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن باشلانغان ۋە ئەتە ئەتىگەن (8 – ئاۋغۇست) ئاخىرلىشىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ يەنە 72 سائەت شەرتسىز ئۇزارتىلىشىنى قوبۇل قىلدى.

82592
ئۇرۇش توختىتىش يەنە 72 سائەت ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى يىگال پالمور ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «ئىسىرائىلىيە مىسىرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى شەرتسىز ھالدا يەنە 72 سائەت ئۇزارتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ھەقتە ھاماسنىڭ پىكرىنى بىلمەيمەن، ھاماس بىلەن داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەر ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما، ئوتتورىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ» دېدى.
مىسىرنىڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق 72 سائەت ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇددىتى شۇ يەر ۋاقتى ئەتە سائەت 08:00 دە توشاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر