«پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈستىدە سودىلىشىش يوق»

ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلمىگەن نەرسىلىرىنى سىياسەت مەيدانىدا قولغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

81114
«پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈستىدە سودىلىشىش يوق»

ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلمىگەن نەرسىلىرىنى سىياسەت مەيدانىدا قولغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىسمائىل ھەنىييە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھاماس ۋەكىللىرى ۋە ھەيئەتتىكى باشقا ئەزالارنىڭ پەلەستىننىڭ بىرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان ۋە غەززەدىكى بۈيۈك پىداكارلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغان يارىشىش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ھەر قېتىم سىياسىي قەدەم تاشلىغاندا ئەستايىدىل بولۇشقا تىرىشقانلىقلىرىنى، تۈركىيە ۋە قاتاردىكى دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ھەنىييە، «نۆۋەتتە ھۇجۇملارنى توختىتىش ۋە ناھەق مۇھاسىرىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ھەيئىتىمىز مىسىردا. پەلەستىن ھەيئىتى خەلقنىڭ ھەق ۋە تەلەپلىرىگە قارايدۇ ۋە پەلەستىننىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە سودىلاشمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ھاماسنىڭ، مىسىر ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىنىڭ غەززەدىكى مۇھاسىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەر بىلەن بىر سەپتىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەنىييە باياناتىدا، «ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋەيرانچىلىق ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان جىنايەتلەر ئالدىدا دۇنياغا مەسئۇلىيەت يۈكلەيدۇ. پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچى گۇرۇپپىلىرىغا بولسا، ئىسرائىلىيە ۋەيران قىلىپ تاشلىغان نەرسىلەرنى قايتىدىن بەرپا قىلىشتا ئېغىر مەسئۇلىيەت چۈشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر