سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا 76 ئادەم ئۆلدى
سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى 76 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
77809
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 76 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.
سۈرىيەدە بەششار ئەسادقا قاراشلىق قىسىملار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 16سى بالا، 8ى ئايال بولۇپ جەمئىي 76 ئادەم ئۆلدى.
سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سانامۇ، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھالەپ، ئىدلىب، دەرئا ۋە ھۇمۇس قاتارلىق شەھەرلەردە ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئۆكتىچىلەرنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719165126)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.