قوزغىلاڭچىلار 50 نەپەر ھۆكۈمەت ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى

سۈرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىدە قوزغىلاڭچىلار 50 نەپەر ھۆكۈمەت ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى.

74700
قوزغىلاڭچىلار 50 نەپەر ھۆكۈمەت ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى


"ئىسلامى جەبھە" گۇرۇپپىسىغا تەۋە قوراللىق قوزغىلاڭچىلار قەدىمى ھەلەپ رايونىدا ئەسەد ئەسكەرلىرى بازا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان 3 بىناغا يەر ئاستىدىن تونىل قېزىپ يېتىپ باردى.
بىنالارنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك پالكوۋنىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 نەپەر ھۆكۈمەت ئەسكىرى ئۆلدى. يەنە ئونلىغان ئەسكەر يارىدار بولدى.
بىنالار پاتلىتىلغاندىن كېيىن رايوندا قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئەسەد ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك ئۇرۇش چىققانلىقى قەيت قىلىندى.
قوزغىلاڭچىلار پارتلاشتىن كېيىن قەدىمىي ھەلەپنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھەلەپتە ئۇزۇندىن بۇيان قوزغىلاڭچىلار مۇشۇ ئۇرۇش تېخنىكىسىنى ئشىلىتىپ كەلمەكتە.
يەر ئاستىدىن قېزىلغان تونىللەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۇجۇملارنىڭ ئەسەد ئەسكەرلىرىگە نىسبەتەن ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر