پارىژدا غەززە يىغىنى چاقىرىلدى

غەززەدە ئەتراپلىق ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدىغان ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن پارىژدا يىغىن چاقىردى.

71995
پارىژدا غەززە يىغىنى چاقىرىلدى

غەززەدە ئەتراپلىق ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدىغان ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن پارىژدا يىغىن چاقىردى.
تۈركىيە، قاتار ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۆزئارا ئۇچراشتى. مۇزاكىرىدە، ئۇرۇش توختىتىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىشىشنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىشتىراكچى ئەللەرنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىشى توغرىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلىندى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ يىغىندىن كېيىن بايانات بېرىپ، «داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان بىر ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنىشىنى كۆزلىمەكتىمىز. ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە بۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىنلاشقانىدۇق، ئەپسۇسكى، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن رەت قىلىندى. بىز ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەستىن خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لوران فابىيۇس بولسا، «ھەممىمىز ھەم پەلەستىننىڭ قانۇنلۇق ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە كېرەكلىك ئېھتىياجلىرىغا ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بولالايدىغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ دەرھال ھاسىل قىلىنىشىنى خالايمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى. يىغىندىن كېيىن داۋۇتئوغلۇ، ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررى ۋە قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەتىييە بىلەن تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا ئۇچرىشىپ، ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
مۇناسىۋەتلىك ئەللەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئالدىمىزدىكى ھەپتە مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا يەنە بىر قېتىم يىغىن چاقىرىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر