نىگېرىيە بومبا ھۇجۇمى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى
نىگېرىيە تۈنۈگۈن ئىككى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى
69234
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تۈنۈگۈن ئىككى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى.
ھۇجۇملاردا 82 كىشى قازا قىلدى.
نىگېرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قادۇنا شەھىرىدە بىر ئىمام نىشان قىلىنغان پارتلاشتا، ئىمامنىڭ تەقىبچىلىرىدىن 32 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شەھەر مەركىزىدىمۇ بومبا ھۇجۇمى مەيدانغا كەلدى.
بىر بازاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 50 كىشى ئۆلدى.