ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 ى چەتئەللىك مەسلىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 4 كىشى ئۆلدى

67039
ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 ى چەتئەللىك مەسلىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 4 كىشى ئۆلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پايتەخت كابۇلدا ئايرودۇرۇم سىرتىدا تالىبان ئەزاسى ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتقان، ھۇجۇمدا چەتئەللىك 3 مەسلىھەتچى بىلەن تەرجىمانى ئۆلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، كابۇل خەلقئارا ئايرودۇرۇمى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلىرى ئۈچۈن ھەربىي ئايرودۇرۇم سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر